Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ،

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 6:5
24 Referans Kwoze  

ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى.


خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان ئىستىپان خەلق ئىچىدە زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى.


باش روھانىي ئىستىپاندىن: - ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ - دەپ سورىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن.


ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.


ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.


لېكىن، مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.


جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار.


بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر بىرەر ئادەمنى دىنىي ئېقىمىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، يەر-جاھاننى ئايلىنىپ چىقىسىلەر. بىراق، ئۇ كىشى ئېقىمىڭلارغا كىرگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى دوزاخقا كىرىشكە ئۆزۈڭلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى، قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى.


پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.


لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى.


بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى.


ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى. ئىككىيلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن بىللە ساق بىر يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئېتىقادچىلارنى «خرىستىئانلار» دەپ ئاتاش ئانتاكيادىن باشلاندى.


ئۇ كۈنلەردە، يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى.


خەلقنى ساڭا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندە، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم! ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ، قىلمىشلىرىغا قوشۇلغانىدىم! مەن بۇ يەردە تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە چوقۇم ئىشىنىدۇ» دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite