Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيلىرىدىمۇ تەلىم بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتۇر!» دەپ، توختىماستىن خۇش خەۋەر تارقىتىۋەردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:42
22 Referans Kwoze  

ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.


مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم.


پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.


فىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئەمەلدارغا ھەزرىتى ئەيساغا دائىر خۇش خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلدار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى.


دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن.


ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.


چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم.


«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.


لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى.


مەسىلەن، فىلىپ سامارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە: «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ» دەپ جاكارلىدى.


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى.


مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى، سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر يەنىلا مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.


بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»


ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite