Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:4
26 Referans Kwoze  

پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟


مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


پېترۇس: - سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.


ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى، ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.


رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.


ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.


بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ھەر خىل بۇيۇملارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالغىن! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايدۇ.


مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.


پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى.


بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.


بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم.


ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەكمۇ خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەيمىز.


ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر، قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.»


سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر!


ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغاندىن كۆرە، ۋەدە قىلمىغان ياخشىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite