Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 ئۆتكەندە، ھېلىقى ئەبلەخ تەۋداس ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ۋەقە چىقاردى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم ئەگەشكەنىدى. بىراق، ئۇ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئىشى يوققا چىقتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:36
14 Referans Kwoze  

ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.


پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.


بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.


ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە مۇھىم دەپ قارالغانلار (ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ قانداق بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى خۇدا ھەممە ئادەمگە تەڭ قارايدۇ) مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە يەنە مەزمۇن قوشۇش كېرەك، دېمىدى.


ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ - دەپ سورىدى قوماندان.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، مەسىھ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بېرىپ يۈرمەڭلار. «قاراڭلار، ئۆينىڭ ئىچىدە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.


چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.


ئاندىن، ئۇ كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىيات قىلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite