Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈردۈڭلار. لېكىن، ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:30
16 Referans Kwoze  

ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


بىز ئەلچىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ باشقا يەرلىرىدە قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،


ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭگە تاللىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادىل خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.


بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»


ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.


ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، خەلقىڭنى مەڭگۈ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قىزغىن ۋە سادىق قىلغايسەن!


داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت: _ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite