3 پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
پېترۇس: - سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! - دېدى.
يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى. - قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ.
خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇر. چۈنكى خۇدا نادان ئادەملەردىن خۇرسەن بولمايدۇ، شۇڭا ۋەدەڭدە تۇر.
بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟
يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! - دېدى.
ھانانىيا بىر قىسىم پۇلنى ئۆزىگە قالدۇردى. ئاشقان پۇلنى، «يېرىمىزنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇ» دەپ، ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.
شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى.
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.
«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ.
يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ.