25 دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: - سىلەر زىندانغا تاشلىغان ئادەملەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەتكە تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! - دەپ خەۋەر قىلدى.
مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى.
بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.
قاراڭغۇ زۇلمەتتىن چىقاردى ئۇلارنى، سۇندۇرۇپ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى.
مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى.