Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 5:21
16 Referans Kwoze  

ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


چۈنكى، سەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزىسەن!


ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.


لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى غامالىيىل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: - ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، - دەپ بۇيرۇدى.


ئۇلار ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش روھانىي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلاپ:


باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى.


- مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس.


تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.


بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى، دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى.


بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كىشەنلەپ ئېلىپ كېلىش نىيىتىدە يولغا چىققانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite