16 يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.
بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى.
بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۇلاردىكى جىنلارنى قوغلىۋەتتى ۋە كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ.
ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
يارىتىلغان مۆجىزىلەر سەۋەبىدىن خەقلەر كېسەل كىشىلەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ، كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. ئۇلار «پېترۇس يولدىن ئۆتكەندە، كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا سايىسى چۈشۈپ، ساقىيىپ كەتسۇن!» دەپ ئويلايتتى.
باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى.