12 ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»~دا دائىم جەم بولاتتى.
خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم.
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.
پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ھەممە ئادەم ھېلىقى پۇتى ساقايغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساق پېتى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پادىشاھنىڭ پېشايۋىنى» دېگەن يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى.
ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.
ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.{
ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا: - ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! - دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.
پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ: - تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى.
ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن.
ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.
سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن، بۇ ئىبادەتخانا خۇددى شىلو شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، بۇ شەھەر ھېچكىم ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ بېشارەت بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! _ دېدى ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇنى قورشىۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.
بۇنىڭ بىلەن، ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ساقىيىپ قايتىشتى.