Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئالدىغا چاقىرتىپ: - سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:7
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.


- سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سورىدى.


ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! - دەپ سوئال قويدى.


سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.


ھېلىقى كىشى: _ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.


شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يەھيا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.


پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite