Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى، بەزىلەر يەر-زېمىنى، ئۆي-جايىنى سېتىپ،

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:34
14 Referans Kwoze  

مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى.


شۇڭا، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار، بايلىق تۈگىگەندە، باقىي دۇنيادا كۈتۈۋېلىنىسىلەر.


مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەگەر كەم-كۈتىسىز بولۇشنى خالىسىڭىز، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ، - دېدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».


بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ.


ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.


سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ. مانا شۇنداق بولغاندا، باراۋەرلىك بولغان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite