22 بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.
ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن.
ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىل كېسەل تارتقان بىر بىمار بار ئىدى.
ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئەكېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى.
ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى.
ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى.
يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلىدى.
كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ،
پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.