Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەلچىلەر خالايىققا: «خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئاساس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:2
18 Referans Kwoze  

«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.


خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.


بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ.


ئۇلار قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلۈمدىن مەڭگۈگە تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.


سىلەر نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانسىلەر؟


پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، «بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. بۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار؟!


دەل شۇ چاغدا، ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسا يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى.


باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى.


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite