Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4:13
22 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ - دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


ئۇ يەردە تۇرغانلار بىرئازدىن كېيىن پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - شۈبھىسىزكى، سەن ئەيسانىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ، - دېيىشتى.


ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان گۇرۇھنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىن خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇ خەقنى خۇدا ئۇرىدۇ! - دېيىشتى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: - بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.


ئاندىن، پېترۇس دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: - بۇ ئادەم ناسىرەلىك ئەيسانىڭ شېرىكى ئىدى، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: - ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، - دېدى.


لېكىن، ساقىيىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ يېنىدا پاكىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى.


لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا: - خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!


ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا ئەلچىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، يۈرەكلىك ھالدا رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى.


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite