8 ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى.
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى.
ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.
ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.
بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى.
قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.
ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرىغا شۇئان كۈچ كىرىپ،
شۇنىڭ بىلەن، جىن چاپلىشىۋالغان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئۇلار يارىلىنىپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، يالىڭاچ ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.