4 ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس: - بىزگە قارا! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! - دېدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: - ئىسرائىل قېرىنداشلار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ سىلەر بىزنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى ياكى ئىخلاسمەنلىكىگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇردى، دەپ ئويلامسىلەر؟
ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: - ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى.
سەپ سېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار ئىكەن.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى.
توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى.
تىلەمچى ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇراتتى.
ھەممە ئادەم ھېلىقى پۇتى ساقايغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساق پېتى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى.
كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.