3 توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: - بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى.
ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس: - بىزگە قارا! - دېدى.
ھەممە ئادەم ھېلىقى پۇتى ساقايغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساق پېتى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى.