Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 چۈنكى، بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلار خۇدانىڭ خەلقى قاتارىدىن چىقىرىلىپ يوقىتىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:23
15 Referans Kwoze  

ئۇ مېنىڭ نامىمدا سۆز قىلىدۇ. ئەگەر بىرەرسى بۇ سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمىسا، ئۇ ئادەمنى ئۆزۈم جازالايمەن.


بىراق، مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ.


ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى.


ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ.


بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite