Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئەكېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:2
9 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى.


قوشنىلىرى ۋە تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: - بۇ، ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.


«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.


ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى.


كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.


بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.


ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»~سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite