ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.