Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:1
27 Referans Kwoze  

پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.


بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.


ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.


دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: - سىلەر زىندانغا تاشلىغان ئادەملەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەتكە تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! - دەپ خەۋەر قىلدى.


ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى.


يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر سامارىيىلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى.


دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا: - بۇ رەببىمىزغۇ! - دېدى. سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: - بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.


پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانى غەم بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى.


ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى.


كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى.


كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ:


كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.


ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يەنە بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.


چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى.


- ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن.


توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى.


ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس: - بىزگە قارا! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite