7 ئۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئارال باشلىقى پۇبلىيۇسنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، چىن كۆڭلى بىلەن ئۈچ كۈن كۈتتى.
ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلاغ تەييارلاڭلار! - دەپ بۇيرۇدى.
غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:
ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى.
خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ: - بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! - دېيىشتى.
ئۇ چاغدا، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى تولغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ قويدى.
ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.