Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن قاچقان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىغا يېپىشىۋالدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:3
13 Referans Kwoze  

ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟


ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.


ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم.


يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى.


تونۇلمىغان ئەرزىمەس كىشىلەردەك قارالساقمۇ، لېكىن ھەممىگە تونۇشمىز. ئۆلۈم گىردابىدا بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېگەن بولساقمۇ، ئۆلتۈرۈلمىدۇق.


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ. بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ، تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ.


بىراق سىلەر كېرەكسىز نەرسىلەر، سىلەر ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر، سىلەرگە چوقۇنغانلار يىرگىنچلىكتۇر!


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


ئۇ كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.


يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.


ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite