Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:25
8 Referans Kwoze  

ئەي ساختىپەزلەر! خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە:


چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەر ساختىپەزلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.


مۇقەددەس روھ فىلىپقا: - ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭ، - دېدى.


ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى.


«بېرىپ بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: ˜سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.


شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە چۆلدە ئۇنى سىنىغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite