Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 28:22
14 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن.


شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.


ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئۇلار مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەھۇدىي دىنىنىڭ پەرىسىي ناملىق ئەڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر خالىسا، گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.


لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى.


باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى.


ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.


سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite