10 ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.
مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ.
ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.
خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئېلىشا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.
پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.
بۇنىڭ بىلەن، ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ساقىيىپ قايتىشتى.
مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيىدىن كەلگەن، بېشىغا رىملىقلارنىڭ قوشكېزەك خۇدالىرى كاستور بىلەن پوللۇكسنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. قىش پەسلىدىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق.