Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 لېكىن، كېمە قىرغاققا يەتكۈچە، دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. كېمىنىڭ بېشى قۇمغا پېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27:41
11 Referans Kwoze  

سەندىكى پالاقچىلار سېنى دېڭىز مەركىزىگىچە ئاپىرىدۇ، لېكىن دېڭىزدا شەرق شامىلى سېنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.


كېمىچىلەر كېمە پارچىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كېمىنى ئارغامچا بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ لىۋىيە دۆلىتىگە يېقىن يەردە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى مېڭىشىغا قويۇپ بەردى.


ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى، ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.


شۇنىڭ بىلەن مارېشالىق دوداۋانىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ: _ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتتى، ئوفىرغا بارالمىدى.


كېمىدىن قاچماقچى بولغان كېمىچىلەر كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەر تاشلايمىز دەپ باھانە تېپىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى.


ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنى يەنە ھەيدەش ئۈچۈن، كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاتتى.


لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite