Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27:3
12 Referans Kwoze  

ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى، لېكىن ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭ مۇئامىلە قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى بۇيرۇدى.


رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.


لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى،


بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.


- ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى.


ئۇ خادراكقا چېگراداش بولغان خاماتنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ. گەرچە تىر ۋە سىدونلۇقلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك ھېسابلىسىمۇ، ئۇلارنىمۇ پەرۋەردىگار كۆرۈپ تۇرىدۇ.


ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»


زەبۇلۇن دېڭىز بويىدا تۇرار، ئۇ يەر كېمە پورتى بولار، زېمىنى سىدون تەرەپكە سوزۇلار.


كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.


ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite