18 شىددەتلىك بوران توختىمىغانىدى. ئەتىسى، ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا بولغانىكەن، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ئىشلاردىن ۋە بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى.
ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىدىكى قورال-سايمانلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!
ئۇلار گويا مەستلەردەك دەلدەڭشىيتتى، ھېچقانداق چارە-ئامالى قالمىغانتى.
چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر.