ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ، دېڭىزدىن لەڭگەرنى چىقىرىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى. Gade chapit la |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىۋېلىپ شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى، كرىت ئارىلىدىكى بۇ ياخشى پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى تېگىدىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى.