10 - قېرىنداشلار، مېنىڭچە بۇ يەردىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى خەتەرلىك. مال ۋە كېمە زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.
ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! - دېدى.
دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئەگەر ئادىل ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»
لېكىن، پاۋلۇس يۈزبېشى يۇلىيۇس ۋە لەشكەرلەرگە: - بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! - دېدى.
سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى.