ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن. Gade chapit la |
پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.