Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇلار مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەھۇدىي دىنىنىڭ پەرىسىي ناملىق ئەڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر خالىسا، گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:5
7 Referans Kwoze  

پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.


بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.


بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كىشەنلەپ ئېلىپ كېلىش نىيىتىدە يولغا چىققانىدىم.


بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن.


لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite