32 ئاگرىپا خان فېستۇسقا: - بۇ ئادەم، «مېنى رىم ئىمپېراتورى ئۆزى سوراق قىلسۇن» دېمىگەن بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! - دېدى.
رىملىقلار مېنى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى، مەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت يوق ئىدى.
لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ، «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم.
رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم.
ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.
لېكىن، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، گەرچە ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن بىرەر شىكايىتىم بولمىسىمۇ، رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.