ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.