Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:19
13 Referans Kwoze  

ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى سەزگۈرلەشتۈردى، مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم.


ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم


ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


- ئى ئاگرىپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن!


مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن: _ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم.


شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىمنى خۇددى سۈرگۈنگە ماڭىدىغان ئادەمدەك يىغىشتۇرۇپ، كەچ ۋاقتىدا تامنى تېشىپ، نەرسىلىرىمنى يۈدۈپ، چىقىپ كەتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite