ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى. Gade chapit la |
«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.