ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئورنۇڭدىن تۇر! سېنى ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىشقا ھەم گۇۋاھلىق بېرىشكە تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ساڭا كۆرۈندۈم. سەن بۈگۈن مېنىڭدىن كۆرگەن ئىشلارنى ھەم كەلگۈسىدە ساڭا كۆرسىتىدىغان ئىشلىرىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىسەن. Gade chapit la |
مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.