Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ھەممىمىز يەرگە يىقىلدۇق. مەن ئارامىي تىلىدا ئېيتىلغان، «سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سەن خۇددى خوجايىنى ئۇرسىمۇ ماڭمىغان جاھىل ئېشەككە ئوخشاش، ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:14
11 Referans Kwoze  

قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.


ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:


سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى.


بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟!


«مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى ئەللەرنى مەست قىلىپ قويىدىغان بىر قەدەھ شاراب قىلىپ قويىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالغاندا، يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.


ئەقىل-ئىدراك ھىممەت تاپقۇزار، خائىننىڭ يولى مۇشەققەتلىك بولار.


چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.


«ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىدىم مەن. رەببىم ئەيسا جاۋابەن، «مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite