Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، - دېدى. پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 26:1
12 Referans Kwoze  

رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم.


- ئى ئاگرىپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن!


- تەۋرات قانۇنىمىزدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىقرارىنى ئاڭلىماي ۋە قىلمىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان، - دېدى.


لېكىن مېنى رەت قىلدىڭلار چاقىرغىنىمدا، ھېچقايسىڭلار ئىلىك ئالمىدىڭلار قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا.


لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.»


مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.


- ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس.


ھەق بىلىنەر ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى داۋادا، قارشى تەرەپ كېلىپ سوئال قويۇپ تەكشۈرگىچە ئۇنىڭغا.


سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى، چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى.


شۇڭا مەن سېنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈردۈم، زېمىنىڭنى ئازايتتىم. سېنى دۈشمەنلىرىڭ بولغان فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇلارمۇ بۇزۇقچىلىقىڭدىن نومۇس قىلدى.


پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا، رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا.


چۈنكى مېنىڭچە، مەھبۇسنى رىمغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىك توغرا ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite