3 يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى.
سائۇلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق، بىرى ئۇلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى.
ئەگەر شۇنداق بولسا، «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىدۇ!» دېگەن مەنە كېلىپ چىقمامدۇ؟ بەزىلەر بىزنى مۇشۇنداق دېدى، دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. مۇنداق تۆھمەت قىلغانلارنىڭ جازاغا تارتىلىشى ھەقلىقتۇر.
دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.
كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.
رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما!