27 ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.
لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، پاۋلۇستىن: - سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىسام قانداق؟ - دەپ سورىدى.
ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇس توغرىسىدا ئاگرىپاغا مۇنداق دېدى: - بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار ئىدى.
ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى.
فېستۇس فېلىكسنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى قەيسەرىيىگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارغانىدى.
خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.
ئاگرىپا خان فېستۇسقا: - بۇ ئادەم، «مېنى رىم ئىمپېراتورى ئۆزى سوراق قىلسۇن» دېمىگەن بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! - دېدى.
بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.
پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ،
لېكىن، فېستۇس ئۇلارغا: - پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيىدە سولاقتا. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كېتىمەن.
ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.