ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 24:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا: - ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، - دېدى. Gade chapit la |
پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. - مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆزى! - دېدى ئۇ.