Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 24:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، «بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. بۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار؟!

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 24:21
5 Referans Kwoze  

پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم.


ئەلچىلەر خالايىققا: «خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئاساس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى.


مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite