19 ئاسىيا ئۆلكىسىلىك ئاشۇ يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، جانابلىرىنىڭ ئالدىدا دېيىشى كېرەك ئىدى.
كېيىن، مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنى جانابلىرىغا يوللاشنى توغرا تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.»
مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.