26 «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام!
«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!
- ھۆرمەتلىك ۋالىي فېستۇس! - دېدى پاۋلۇس، - مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق.
بۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز.
مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم.
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز.
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلاغ تەييارلاڭلار! - دەپ بۇيرۇدى.
قوماندان لىسىياس پاۋلۇس ھەققىدە فېلىكسكە يەنە مۇنداق بىر خەت يازدى:
ئاتلىقلار قەيسەرىيىگە بېرىپ، خەتنى ۋالىيغا سۇندى ۋە پاۋلۇسنىمۇ تاپشۇردى.