Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 23:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 23:21
11 Referans Kwoze  

كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.


ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.


يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازابلار ئىچىدە، كۆزۈمدىن ياش ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدۇم.


كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.


قوماندان ئۇنىڭغا: - بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! - دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite