Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 23:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 23:19
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. قارىغۇ: - ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندا، بالا ئورنىدىن تۇردى.


ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: - بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


پادىشاھ خانىش ئەستىرگە: _ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ ئەمدى يەنى نېمىنى ئىلتىماس قىلىسەن؟ ئىلتىماسىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ تەلىپىڭ ئورۇندىلىدۇ، _ دېدى.


پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئەي خانىش ئەستىر، ساڭا نېمە بولدى، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا سەن ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە


شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى.


شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» دېگەن چوڭ كېڭەش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ: - سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ قانداق؟


يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: - مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى.


ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: - يەھۇدىي ئاقساقاللار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite