Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 چۈشكە يېقىن، دەمەشققە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىمدا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22:6
11 Referans Kwoze  

ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى.


ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.


ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر.


ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.


يەرگە يىقىلدىم. ئاندىن، «سائۇل، سائۇل ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


بۇنىڭ بىلەن، چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: - بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئېھتىمال راستتىن بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس! - دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite